ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش

قاتلاش
ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش يوق.

خىياللىرىم -قاتىلىم

قاتلاش
X
  • سۈزگۈچ
  • ۋاقىت
  • كۆرسىتىش
ھەممىنى تازلاش
يېڭى يازمىلار

  • خىياللىرىم -قاتىلىم

    تۇرسۇن كېرىم قارچۇق

    خىياللىرىم –قاتىلىم

    (نەسىر)

    خىياللىرىم –قاتىلىم،
    خىياللىرىم- سىرتماق، مەن نەپىسى ئۈزۈلۈش ئالدىدا تىپىرلاپ جان تالىشىۋاتقان مەھبۇس؛ خىياللىرىم- تۈمەنمىڭ يىڭنە، مەن شۇ يىڭنىلەر سانچىلىپ تۇرغان نىمجان يۈرەك؛ خىياللىرىم - بىسىدىن قان تامچىپ تۇرغان خەنجەر، مەن شۇ خەنجەردە پارە-پارە قىلىنىپ كاپلارغا ئېسىۋىتىلگەن تەن؛ خىياللىرىم- خۇددى ئەپسانە-چۆچەكلەردىكى قان شورۇغۇچ يالماۋۇز، مەن تۇرۇسقا ئېسىلىپ تاپىنى تېشىلگەن تاتلىق ئولجا؛ خىياللىرىم– خىروئىن، مەن ئۇنىڭ خۇمارىدىن مىڭ ئۆلۈپ مىڭ تىرىلىگەن بەڭگە؛ خىياللىرىم- پارازىت قۇرۇت، مەن قۇياشقا ئىنتىزار مايسا؛ خىياللىرىم- دەھشەتلىك بىر ئوت، مەن پاراسلاپ كۆيۈۋاتقان ئوتۇن؛ خىياللىرىم- قىپقىزىل بىر چوغ، مەن شۇ چوغقا تاشلانغان قىل؛ خىياللىرىم- ئاچچىق ئىس-تۈتۈك، مەن گوياكى بىر تۇرخۇن؛ خىياللىرىم -گوياكى قۇيۇن، مەن سوقۇلۇپ ئۇچۇپ يۈرگەن نىشانسىز قامغاق؛ خىياللىرىم-ئۈششۈك ماڭغان بىر جۇدۇن، مەن شۇ جۇدۇندا ئۈششۈك تەككەن يوپۇرماق؛ خىياللىرىم- رەھىمسىز يىرتقۇچ، مەن ئۇنىڭ ئالدىغا تاشلانغان قوزا؛
    خىياللىرىم قاتىلىم؛
    خىياللىرىم- زەھەر، لىۋىمنى كۆيدۈرۈپ باغرىمغا كىرگەن؛ خىياللىرىم-گوياكى قوقاس، تاپانلىرىم ئاستىدا يالقۇنجاپ كۆيگەن؛ خىياللىرىم- مۇدىھىش كۆلەڭگە، روھى ئەركەم قەتلە قىلىنغان؛ خىياللىرىم- ئاچچىق ۋەھىمە، ۋۇجۇدۇم تىترىتىپ لەرزىگە سالغان؛
    خىياللىرىم قاتىلىم؛
    خىياللىرىم- بىر ئازاپ، باغرىمنى قانغا تولدۇرۇپ بولغان؛ خىياللىرىم- ئىچىمدە قۇرۇت ،ئاھ يۈرۈگۈمنى قىلىدۇ ئوزۇق؛ خىياللىرىم- سىرلىق ئەپسۇن، ئەس-خىيالىم رام قىلغان، زېھنىم ھەم قۇربىتىمنى خورۇتۇپ نىمجان جىسمىم خار قىلغان؛ خىياللىرىم- قارا كۆلەڭگە، ماڭا سۆرىلىپ ئارامىم بۇزغان؛ خىياللىرىم- قاباھەتلىك چۈش، مىنى ئۇيقۇدىن بىدار قىلغان؛ خىياللىرىم- گويا قارا يۈز ئوق، ئۈمۈد قۇشۇم باغرىغا تەككەن؛ خىياللىرىم- ئەشەددى ساتقىن، ماڭا قارا ساناپ ئاسىيلىق قىلغان؛ خىياللىرىم- قاتىلىم، ئەمما بەدەل تۆلىمەيدىغان؛
    خىياللىرىم- ئۇ خۇددى زىرائەتلەرنىڭ ئەشەددى دۈشمىنى سېرىق ئوتتەك، ئۆمۈچۈك تورىدەك، غايەت زور بوغما يىلاندەك مېنى بوغۇپ چىرماپ تۇنجۇقتۇرماقتا، مەن تىنىمسىز يۇلقىنىمەن، يۇلقۇنغانسىرى ھالسىزلىنىپ ماغدۇرۇمدىن كېتىمەن، «قۇتقۇزۇڭلار»دەپ توۋلىغان شۇ زەئىپ ئاۋازىمنى ئۆزەمدىن باشقا ھېچكىم ئاڭلىمايدۇ، چەكچەيگەن، ئەتراپقا ئالاق-جالاق بولۇپ تەلمۈرىۋاتقان كۆزلىرىمگە كۆرىنىدىغىنى يەنىلا شۇ قاتىل خىيالىم؛ ئىلتىجا بىلەن سوزۇلغان، تىترەپ تۇرغان قوللىرىم كېسىلمەكتە؛ مەن ئەشۇ مۇدىھىش، قورقۇنۇچلۇق خىياللاردىن خالىي بولالمىدىم، ئۆزۈمنى ئەركىن، كۆڭلۈمنى ئازادە، زېھنىمنى ئوچۇق، نىشانىمنى ئېنىق قىلالمىدىم、ئەشۇ سوغۇق مۇدىھىش خىياللار ھارارەتلىك جىسمىمنى، يۈرۈگۈمنى ئاستا-ئاستا سوۋۇتماقتا، تۈرلۈك ئارزۇ-ھەۋەس، يارقىن ئوبراز، نۇرلۇق تىلەك، ئۈمۈد-كېلەچەك مۇجەسسەم ۋۇجۇدۇمنى زەئىپ ئىس تۈتۈنلەر بىلەن ئىسلاپ، نىشانىمدىن ئاداشتۇرۇپ ئەقلىمنى كەسمەكتە. ئۆتكۈر، نۇرلۇق كۆزلىرىمنى خىرەلەشتۈرۈپ، تەبەسسۇم تۆكۈلۈپ تۇردىغان چىىھرىمنى ئاستا-ئاستا خۇنۇكلەشتۈرمەكتە؛ مەن شۇ مۇدىھىش خىياللار كىرىۋالغان كاللامنى قوچۇۋېتەي؛ شۇ زەئىپ خىياللار چىرمىۋالغان ۋۇجۇدۇمنى ئوتقا تاشلىۋېتەي، تېپىچەكلەپ، يۇلقۇنۇپ تۇرغان ئوتلۇق يۈرۈگۈمنى سۇغۇرۇپ ئېلىپ چىن ئەقىدىلىكلەرگە كۆرسىتەي، پاك قەلبىمدىكى سۆزلىرىمنى دىلكەشلىرىمگە تۆكىۋىتەي؛
    خىياللىرىم، ھەي رەھىمسىز قاتىللار، ماڭا رەھىم قىلىڭلار، مىنىڭ سەۋرى–تاقىتىم چېكىگە يەتتى، ئەمدى مېنى ئاچچىق بۇرۇختۇرمىلىققا مەھكۇم قىلىپ قىينىماڭلار! مېنى قويۇپ بېرىڭلار! مېنى بىر دەم بولسىمۇ ئارامىمدا قويساڭلار !؟؟ مەن ئۆز ئەركەم بىلەن تاتلىق خىياللىرىمنى قىلىۋالاي، نورمال كىشىلەرگە خاس تەپەككۇر، خىيال بىلەن ئازادە، ئىسكەنجىسىز ياشاپ باقاي، كىشىگە ھوزۇر بىغىشلايدىغان نەمخۇش ساپ ھاۋادىن قېنىپ-قېنىپ ھىدلىۋالاي، مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان سىم-سىم يامغۇر ياققان، لەپىلدەپ قار چۈشۈۋاتقان كۈنلەردە قاقاقلاپ كۈلگىنىمچە غۇلاچلىرىمنى كەڭ ئېچىپ مېھرىبان تەبىئەت ئانىنىڭ باغرىغا ئۆزەمنى ئېتىۋالاي، شىرىن تاتلىق ئەسلىمىلىرىمدىن ھوزۇرلىنىپ مۇدىھىش خىياللار كاردىن چىقارغان سەزگۈلىرىمگە تاتلىققىنە ھوزۇر ئاتا قىلىۋالاي.
    خىياللىرىم، ھەي رەھىمسىز قاتىللار، جىسمىمدىن، ۋۇجۇدۇمدىن، ئەس-خىيالىمدىن خۇددى قۇياش نۇرىغا يولۇققان تۇماندەك تاراپ كېتىڭلار، قولۇمدىن كەلسە ئىدى، خۇددى مىڭ بىر كېچە ھىكايىلىرىدىكىگە ئوخشاش سىلەرنى ئالداپ كىچىككىنە قۇتىغا سولاپ تاغلارنىڭ ئاستىغا،چوڭقۇر دېڭىزلارنىڭ تەكتىگە چۆكۈرۈپ مەڭگۈلۈك بەنت قىلىۋەتكەن بولسام.
    خىياللىرىم بولدى بەس، مىنى ئارامىمدا قويۇڭلار.


    يازما ئاخىرىدا قارچۇق 1 تەرىپىدىن تەھرىرلەندى، تەھرىرلەنگەن ۋاقتى; 2017-04-05, 11:10 AM.
    دۇنيا مېھرى-مۇھەببەتكە تولسۇن .ئاللاھنىڭ سالىمى ھەممىمىزگە بولسۇن .

  • #2
    مىنىڭ خىياللېرىم سۆيۈملۈك ۋە چىرايلىق ئىدى،سىزنىڭ خىياللېرىڭىز نىمانداق قىلىدۇ دەيمەن؟
    كۈنىڭ قانداق ئ‍ۆتسە،ئۆمرۈڭ شۇنداق ئۆتىدۇ !

    جاۋاب


    • #3
      دەسلەپكى يوللىغۇچى: ئارسىلان يازما كۆرۈش
      مىنىڭ خىياللېرىم سۆيۈملۈك ۋە چىرايلىق ئىدى،سىزنىڭ خىياللېرىڭىز نىمانداق قىلىدۇ دەيمەن؟
      شۇنى دەڭە ئارسىلان ئەپەندىم. گاھىدا شۇنداق بولۇپ قالىدۇ . لېكىن ئاساسەن گۈزەل ھەم يېقىشلىق.
      دۇنيا مېھرى-مۇھەببەتكە تولسۇن .ئاللاھنىڭ سالىمى ھەممىمىزگە بولسۇن .

      جاۋاب

      خىزمەت قىلىۋاتىدۇ...
      X