ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش

قاتلاش
ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش يوق.

ھىندىستاندىكى ھەقىقىي«ئۆمۈچۈك پالۋان»كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى

قاتلاش
X
  • سۈزگۈچ
  • ۋاقىت
  • كۆرسىتىش
ھەممىنى تازلاش
يېڭى يازمىلار

  • ھىندىستاندىكى ھەقىقىي«ئۆمۈچۈك پالۋان»كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى

    رەسىمنى چېكىش ئارقىلىق چوڭ رەسىمنى كۆرۈش

نامى :     640?wx_fmt=jpeg&wxfrom=5&wx_lazy=1.jpg
كۆرۈش قېتىم سانى : 1
ھۆججەتنىڭ چوڭلۇقى:145.8 KB
ID :   163220

    «ئۆمۈچۈك پالۋان» دېگەن نام گەرچە ھەممىمىزگە تونۇش بولسىمۇ، ئەمما بىز ئۇنىڭ پەقەت كىنودىلا مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. بىراق، ھىندىستاندىكى 25 ياشلىق يىگىت جوسې ھەقىقىي ئۆمۈچۈك پالۋان دەپ تەرىپلەندى. ئۇ گەرچە «تور» چىقىرالمىسىمۇ، ئەمما قول-پۇتىغا تايىنىپ تامدىن تامغا يامىشالايدۇ. بىراق، ئۇنىڭ بۇنداق ماھارەت ئىگىلىيەلىشىگە سەۋەبچى بولغان مۇھىم بىر ئىش بار.
    رەسىمنى چېكىش ئارقىلىق چوڭ رەسىمنى كۆرۈش

نامى :     640?wx_fmt=jpeg&wxfrom=5&wx_lazy=1.jpg
كۆرۈش قېتىم سانى : 1
ھۆججەتنىڭ چوڭلۇقى:149.2 KB
ID :   163221

    ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي شارائىتى ناچار بولغانلىقتىن جوسې تۈزۈك تەربىيە ئېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەن، 7 ياش ۋاقتىدا ئۆيىدىن ئايرىلىپ سىرتتا ئىشلەمچىلىك قىلغان. بىراق، ئۇنىڭ يېشى كىچىك، تېنى ئاجىز بولغاچقا دائىملا بوزەك قىلىنىشقا ئۇچرىغان.
    رەسىمنى چېكىش ئارقىلىق چوڭ رەسىمنى كۆرۈش

نامى :     640?wx_fmt=jpeg&wxfrom=5&wx_lazy=1.jpg
كۆرۈش قېتىم سانى : 1
ھۆججەتنىڭ چوڭلۇقى:141.8 KB
ID :   163222

    ئۇ بىر مەزگىل قىينالغاندىن كېيىن ئاخىرىدا يېقىن ئەتراپتىكى بىر باي ئائىلىگە خىزمەتچى بولۇش ئۈچۈن كىرگەن. بىراق، ئۇزۇن ئۆتمەي «ئوغرى» دېگەن نام بىلەن بۇ ئۆيدىنمۇ قوغلانغان.
    رەسىمنى چېكىش ئارقىلىق چوڭ رەسىمنى كۆرۈش

نامى :     640?wx_fmt=jpeg&wxfrom=5&wx_lazy=1.jpg
كۆرۈش قېتىم سانى : 1
ھۆججەتنىڭ چوڭلۇقى:144.6 KB
ID :   163223

    بۇ ئائىلىدىكىلەر ئۇنى مەسخىرە قىلىپ: «سېنىڭ بۇ دۇنيادا ياشىغىنىڭنىڭ نېمە ئەھمىيىتى بولسۇن؟» دېگەن. بۇ سۆز بىلەن جوسېنىڭ ھاياتقا بولغان ئىشەنچىسى پۈتۈنلەي يوقاپ، تىك قىيادىن ئۆزىنى تاشلاپ ئۆلۈۋالماقچى بولغان.
    رەسىمنى چېكىش ئارقىلىق چوڭ رەسىمنى كۆرۈش

نامى :     640?wx_fmt=jpeg&wxfrom=5&wx_lazy=1.jpg
كۆرۈش قېتىم سانى : 1
ھۆججەتنىڭ چوڭلۇقى:74.3 KB
ID :   163224

    بىراق، ئۇ قىيا ئاستىغا كەلگەندىن كېيىن يوغان بىر تاشقا يولۇقۇپ قېلىپ ھەرقانچە قىلىپمۇ ئۇنىڭ ئۈستىگە چىقالمىغان.
    رەسىمنى چېكىش ئارقىلىق چوڭ رەسىمنى كۆرۈش

نامى :     640?wx_fmt=jpeg&wxfrom=5&wx_lazy=1.jpg
كۆرۈش قېتىم سانى : 1
ھۆججەتنىڭ چوڭلۇقى:158.9 KB
ID :   163225

    دەل مۇشۇ ۋاقىتتا بىر مايمۇن يۈگۈرۈپ كېلىپ ھېلىقى تاشنىڭ ئۈستىگە چىقىۋالغان. بۇ جوسېنى قاتتىق ھەيران قالدۇرغان. شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇ ھەر كۈنى شۇ جايدا تۇرۇپ مايمۇننىڭ ھەرىكىتىنى كۆزەتكەن.
    رەسىمنى چېكىش ئارقىلىق چوڭ رەسىمنى كۆرۈش

نامى :     640?wx_fmt=jpeg&wxfrom=5&wx_lazy=1.jpg
كۆرۈش قېتىم سانى : 1
ھۆججەتنىڭ چوڭلۇقى:153.1 KB
ID :   163226

    ئاخىرى، ئۇ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق تاشنىڭ چوققىسىغا چىققان. ئەتراپىدىكىلەر ئۇنىڭ بۇ قالتىس ماھارىتىدىن قاتتىق ھەيران قالغان.
    رەسىمنى چېكىش ئارقىلىق چوڭ رەسىمنى كۆرۈش

نامى :     640?wx_fmt=jpeg&wxfrom=5&wx_lazy=1.jpg
كۆرۈش قېتىم سانى : 1
ھۆججەتنىڭ چوڭلۇقى:165.9 KB
ID :   163227

    سۈرەتتە، جوسې ساياھەتچىلەرگە ماھارەت كۆرسەتمەكتە.
    رەسىمنى چېكىش ئارقىلىق چوڭ رەسىمنى كۆرۈش

نامى :     640?wx_fmt=jpeg&wxfrom=5&wx_lazy=1.jpg
كۆرۈش قېتىم سانى : 1
ھۆججەتنىڭ چوڭلۇقى:129.8 KB
ID :   163228

    كېيىن ئۇ مايمۇننىڭ ھەرىكىتىنى داۋاملىق كۆزىتىش ئارقىلىق دۇنيا بويىچە ئەڭ قالتىس تاشقا ياماشقۇچى، يەنى «ھەقىقىي ئۆمۈچۈك پالۋان»غا ئايلانغان.
    رەسىمنى چېكىش ئارقىلىق چوڭ رەسىمنى كۆرۈش

نامى :     640?wx_fmt=jpeg&wxfrom=5&wx_lazy=1.jpg
كۆرۈش قېتىم سانى : 1
ھۆججەتنىڭ چوڭلۇقى:117.4 KB
ID :   163229

    كۆپ ۋاقىتلاردا بىز ئىقتىدارىمىزنى بەك تۆۋەن مۆلچەرلىۋالغانلىقتىن يوشۇرۇن كۈچىمىزنى جارى قىلدۇرالمايمىز. ھېچقانداق ئادەم بۇ دۇنياغا سەۋەبسىز يارىتىلمىغان. سىز پەقەت ئۆزىڭىزگە ئىشەنسىڭىزلا نۇرغۇن ئىشلارنى قىلالايسىز.
    نۇر تورى تەرجىمىسى.

  • #2
    ھەقىقەتەن ئىقتىدارلىقكەن .شارائىت ئۇنىڭ بۇ ئالاھىدىلىكنى يېتىلدۈرىشىگە تۈرتكە بوپتۇ.
    دۇنيا مېھرى-مۇھەببەتكە تولسۇن .ئاللاھنىڭ سالىمى ھەممىمىزگە بولسۇن .

    جاۋاب

    خىزمەت قىلىۋاتىدۇ...
    X