ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش

قاتلاش
ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش يوق.

بىراۋ ئانىڭىزنى ھاقارەتلىسە قانداق قىلىسىز؟

قاتلاش
X
  • سۈزگۈچ
  • ۋاقىت
  • كۆرسىتىش
ھەممىنى تازلاش
يېڭى يازمىلار

  • بىراۋ ئانىڭىزنى ھاقارەتلىسە قانداق قىلىسىز؟

    رەسىمنى چېكىش ئارقىلىق چوڭ رەسىمنى كۆرۈش  نامى :     640?wx_fmt=png&wxfrom=5&wx_lazy=1.jpg كۆرۈش قېتىم سانى : 1 ھۆججەتنىڭ چوڭلۇقى:109.1 KB ID :   163214


    يېقىندىن بۇيان تاراتقۇلارنىڭ «ئانىسىنى خورلىغانلارنى ئۆلتۈرگەن قاتىل» ھەققىدىكى خەۋەر ھەممەيلەننىڭ دىققىتىنى تارتتى.

    خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ لياۋچىڭ شەھىرىدە 11 نەپەر قەرز سۈيلىگۈچى 22 ياشلىق يۈ خۈەن ئىسىملىك يىگىتنىڭ ئالدىدا ھاقارەتلەش، كاچىتىغا ئۇرۇش، ئاياق بىلەن ئاغزىنى ئېتىۋېلىش، ھەتتا ئىشتىنىنى سالدۇرۇپ، چېكىدىن ئاشقان ھەرىكەتلەرنى قىلىش ئارقىلىق ئانىسىنى ھاقارەتلىگەن. ساقچىلار كېلىپمۇ بۇلارنى توسمىغان. يۈ خۈەن بۇنىڭغا چىداپ تۇرالماي، مېۋە ئاقلايدىغان پىچاق بىلەن 11 قەرز سۈيلىگۈچىنىڭ تۆتىگە پىچاق تىقىۋەتكەن. بۇنىڭدىن بىرى ئۆلۈپ كەتكەن. ئاخىرىدا يۈ خۈەن 1-سوتتا مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

    بۇ ۋەقە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، جامائەتنىڭ دىققەت مەركىزىگە ئايلاندى. يۈ خۈەننىڭ ھەرىكىتى ھەققانىي ئۆزىنى قوغداشمۇ ياكى ئۆزىنى قوغدايمەن دەپ چەكتىن ئاشۇرۇۋېتىشمۇ ۋە ياكى قەستەن زىيان-زەخمەت يەتكۈزۈشمۇ؟ كىشىلەر ھەر خىل مۇنازىرە قىلىشماقتا.

    ئالى خەلق تەپتىش مەھكىمىسى بۇ ئىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، شەندوڭ ئۆلكىسىگە دېلونىڭ ئەمەلىيىتى، ئىسپاتلارنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشكە مەخسۇس ئادەم ئەۋەتتى. ئۇلار يەنە دېلونى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا ساقچىلارنىڭ خىزمىتىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالماسلىق ئەھۋالىنىڭ بار-يوقلىقىنىمۇ تەكشۈرىدۇ.

    شۇنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق كېرەككى، يۈ خۈەن ۋە ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ كەچۈرمىشى بىر قىسىم ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلارنىڭ ئارقىسىدىكى قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايۋاتقان جازانىخورلارنىڭ يۇقىرى ئۆسۈملۈك قەرز پۇل مەسىلىسىنىمۇ ئاشكارىلاپ بەردى. يۈ خۈەننىڭ ئانىسى سۇ يىنشيا ئۆزىنىڭ كىچىك كارخانىسىنى ماڭدۇرۇش ئۈچۈن ۋۇ شۆجەن ئىسىملىك ئۆي-زېمىن سودىگىرىدىن ئېيىغا %10 لىك ئۆسۈم بىلەن قەرز ئالغان. كېيىن دىرىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە تەڭ كەلگىدەك پۇلنى قايتۇرغان بولسىمۇ، قەرزى يەنىلا تۈگىمىگەن. شۇنىڭ بىلەن ئانىسىنى خارلىغانلارنى ئۆلتۈرۈپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن.
    رەسىمنى چېكىش ئارقىلىق چوڭ رەسىمنى كۆرۈش  نامى :     640?wx_fmt=jpeg&wxfrom=5&wx_lazy=1.jpg كۆرۈش قېتىم سانى : 1 ھۆججەتنىڭ چوڭلۇقى:31.5 KB ID :   163215

    بىر قانچە كۈندىن بۇيان، قانۇن ۋە ئەخلاق ئۈستىدىكى مۇنازىرە ئۈزۈلمىدى. بەزىلەر ھەققانىي ئۆزىنى قوغداشنىڭ قانۇنىي ئاساسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئۆزىنى قوغداشنىڭ جىددىيلىكىگە نىسبەتەن ھۆكۈم چىقىرىش كېرەك، دەپ قارىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن سوغۇققانلىق بىلەن ئىزدىنىش ۋە نەزەرىيە جەھەتتىن تەھلىل قىلىشقا بولىدۇ. لېكىن ئىسپاتلارنى تېخىمۇ كۆپرەك توپلاشقا توغرا كېلىدۇ. يەنە بەزىلەر ئانىسىغا زورلۇق زومبۇلۇق قىلغانلارنى ئۆلتۈرۈش ھەرىكىتىنى جازالىماستىن مۇكاپاتلاش كېرەك ئىدى، دەپ قارىدى. لېكىن بۇنداق قىلغاندا مۇنازىرە سەل چەكتىن ئېشىپ كەتكەن بولىدۇ. بۇ ئىشتا جامائەت تېخىمۇ سوغۇققان بولغىنى، ھېسسىياتنىڭ كەينىگە كىرمىگىنى تۈزۈك. قاننى قان بىلەن يۇيغىلى بولمايدۇ. قانۇنغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى ھېسسىياتقا، گەپ سۆزگە تايىنىپ ھەل قىلغىلى بولمايدۇ.

    سۇ يىنشيا نېمە ئۈچۈن بانكىدىن قەرز پۇل ئالمايدۇ؟

    ھازىر بەزى مىكرو كارخانىلارنىڭ نورمال يول بىلەن مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى ناھايىتى قىيىن. بانكا بىر بولسا دۆلەت كارخانىلىرىغا، يەنە بىر بولسا روناق تاپقان كارخانىلار قەرز پۇل بېرىدۇ. خەلق باشقۇرۇشىدىكى كارخانىلار بولۇپمۇ ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلار، مىكرو كارخانىلارنىڭ بانكىدىن قەرز ئېلىشى تولىمۇ تەس. مەلۇماتقا قارىغاندا، مەملىكىتىمىزدىكى خۇسۇسى كارخانا 15 مىليون 980 مىڭدىن، يەككە سودا-سانائەتچى 50 مىليون 730 مىڭدىن، بۇنىڭدىكى كەسىپكارلار 257 مىليوندىن ئاشىدىكەن. خەلق باشقۇرۇشىدىكى ئىگىلىكنىڭ باج كىرىمىگە قوشقان تۆھپىسى %50 دىن، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %60 دىن، تۇراقلىق مۈلۈككە سالغان مەبلىغى %64دىن ئاشىدىكەن. شەھەر-بازارلاردىكى ئىش ئورنى %80 دىن، يېڭىدىن كۆپەيتكەن ئىش ئورنى %90 دىن ئېشىپ كېتىدىكەن.

    يېقىندا ئاياغلاشقان مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا زۇڭلى لى كېچياڭ مۇخبىرنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ: ئەمەلىي گەۋدىلىك ئىقتىسادنىڭ تەرەققىي قىلماسلىقى پۇل مۇئامىلىدىكى ئەڭ چوڭ خەتەر، دېدى. ئۇ يەنە ئۆتكەن يىلى بىر يۈرۈش تەدبىرلەرنى قوللىنىشتىكى ئاساسلىق مەقسەت __ ئەمەلىي گەۋدىلىك ئىقتىسادنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش، دېگەن ئىدى. ئىشىنىمىزكى، قىيىن ئەھۋالدا قالغان ئوتتۇرا كىچىك كارخانىلار زۇڭلىنىڭ سۆزىدىن ھاياجانلاندى. پۇل مۇئامىلە ئورگانلىرىمۇ زۇڭلىنىڭ سۆزىگە قاراپ تۇرماس؟

    باش شۇجى شى جىپىڭ: ئەدلىيە خادىملىرى ئامما بىلەن يېقىندىن ئالاقە باغلاپ، ئەدلىيە ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئەدلىيەنىڭ ئاشكارىلىقىنى كۈچەيتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئەدلىيەنىڭ ئادىل، ئاشكارا بولۇشىغا بولغان ئۈمىدىگە جاۋاب قايتۇرۇشى كېرەك، دەپ كۆرسەتتى. ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ دېلونى ئاشكارا ئادىل تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.
    جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  • #2
    بۇ تېما قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى.
    دۇنيا مېھرى-مۇھەببەتكە تولسۇن .ئاللاھنىڭ سالىمى ھەممىمىزگە بولسۇن .

    جاۋاب

    خىزمەت قىلىۋاتىدۇ...
    X