ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش

قاتلاش
ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش يوق.

يەنە 41 تۈرلۈك مەمۇرىي خاراكتېرلىك ھەق ئېلىش توختىتىلىدۇ

قاتلاش
X
  • سۈزگۈچ
  • ۋاقىت
  • كۆرسىتىش
ھەممىنى تازلاش
يېڭى يازمىلار

  • يەنە 41 تۈرلۈك مەمۇرىي خاراكتېرلىك ھەق ئېلىش توختىتىلىدۇ

    ئۆي ئۆتۈنۈپ بېرىش رەسمىيەت ھەققى قاتارلىق 41 تۈرلۈك مەمۇرىي خاراكتېرلىك ھەق ئېلىش توختىتىلىدۇ

    خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كارخانا ۋە شەخسنىڭ يۈكىنى ھەقىقىي يەڭگىللىتىپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، مالىيە مىنىستىرلىقى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى بىرلىشىپ «بىر تۈركۈم مەمۇرىي، كەسپىي خاراكتېرلىك ھەق ئېلىشنى رەتلەپ قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلىپ، 2017-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، ئۆي ئۆتۈنۈپ بېرىش رەسمىيەت ھەققى، كېمىلەرنى تىزىملاش ھەققى، نىكاھ تىزىملاش ھەققى قاتارلىق مەركەز تەسىس قىلغان 41 تۈرلۈك مەمۇرىي، كەسپىي خاراكتېرلىك ھەق ئېلىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ياكى توختىتىش، تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئېلىش ھەق ئۆلچىمىنى %50 تۆۋەنلىتىشنى قارار قىلدى.

      ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىغان ياكى توختىتىلىدىغان 41 تۈرلۈك ھەق ئېلىش ئىچىدە، شەخسكە چېتىلىدىغان ھەق ئېلىش تۈرىدىن ئالتىسى بولۇپ، نىكاھ تىزىملاش ھەققى، بېقىۋېلىشنى تىزىملاش ھەققى ۋە ھۆكۈمەت ئاشكارا ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلەشنى ئىلتىماس قىلغاندىكى ئىزدەش ھەققى، نۇسخىلاش ھەققى، پوچتا ھەققى ئېلىشنى توختىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ كارخانىغا چېتىلىدىغان ھەق ئېلىش تۈرىدىن 35ى بولۇپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى تارماقلىرىنىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى رەنە قويۇشنى تىزىملاش ھەققى، مۇھىت ئاسراش تارماقلىرىنىڭ مۇھىتنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش مۇلازىمەت ھەققى، تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقىنىڭ ئۆي ئۆتۈنۈپ بېرىش رەسمىيەت ھەققى قاتارلىقلارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت تارماقلىرىنىڭ تازىلىق تەكشۈرۈش ھەققى، سۈپەت تەكشۈرۈش تارماقلىرىنىڭ چېگرادىن كىرىش-چىقىشنى تەكشۈرۈش كارانتىن قىلىش ھەققى، يېمەكلىك-دورىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ دورا تەكشۈرۈش ھەققى قاتارلىقلارنى توختىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

      شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
      مەنبە: خەلق تورى
خىزمەت قىلىۋاتىدۇ...
X