ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش

قاتلاش
ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش يوق.

​ئاپتوموبىل سۇغۇرتىسىنىڭ ئىچىدە بۇ4خىلىنىلا سېتىۋالسىڭىزلاكۇپايە

قاتلاش
X
  • سۈزگۈچ
  • ۋاقىت
  • كۆرسىتىش
ھەممىنى تازلاش
يېڭى يازمىلار

  • ​ئاپتوموبىل سۇغۇرتىسىنىڭ ئىچىدە بۇ4خىلىنىلا سېتىۋالسىڭىزلاكۇپايە

    رەسىمنى چېكىش ئارقىلىق چوڭ رەسىمنى كۆرۈش

نامى :     640?wx_fmt=jpeg&wxfrom=5&wx_lazy=1.jpg
كۆرۈش قېتىم سانى : 1
ھۆججەتنىڭ چوڭلۇقى:131.3 KB
ID :   163217

    1. قاتناش ھادىسىسى جاۋابكارلىقى مەجبۇرىي سۇغۇرتىسى

    بۇنى دېمىسەكمۇ كۆپچىلىككە ئايان. ئەگەر قاتناش ھادىسىسى جاۋابكارلىقى مەجبۇرىي سۇغۇرتىسىنى بېجىرمىگەندە ساقچى تۇتۇۋالغان ھامان ماشىنىنى ئېلىپ قېلىپ، جەرىمانە قويىدۇ. بەزىلەر قاتناش ھادىسىسى جاۋابكارلىقى مەجبۇرىي سۇغۇرتىسى بىلەن ئانچە تونۇش بولمىسا كېرەك. ھەتتا بەزى دوستلار 122 مىڭ يۈەننى تۆلەشكە قۇربىتىمىز يېتىدۇ، پەقەت قاتناش ھادىسىسى مەجبۇرىي سۇغۇرتىسىنى بېجىرسەكلا بولىدۇ، دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس. قاتناش ھادىسىسى جاۋابكارلىقى مەجبۇرىي سۇغۇرتىسى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا قارىتىلغان، يەنى ماشىنا ھەيدىگۈچىنىڭ ماشىنىسى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىسا ياكى ئادەم يارىلانسا، بۇ سۇغۇرتا بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇنىڭ 122 مىڭ يۈەن تۆلەم پۇلى مۇنداق ھېسابلانغان: ئۆلۈپ قېلىش، مېيىپ بولۇپ قېلىش تۆلەم سوممىسى 110 مىڭ يۈەن، داۋالىنىش چىقىمى تۆلەم سوممىسى 10 مىڭ يۈەن. مال مۈلۈكنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراش تۆلەم سوممىسى 2000 يۈەن، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى قوشقاندا ئاندىن 122 مىڭ يۈەن بولىدۇ.

    2. ئۈچىنچى شەخس مەسئۇلىيەت سۇغۇرتىسى

    ئۈچىنچى شەخس مەسئۇلىيەت سۇغۇرتىسى قاتناش ھادىسىسى جاۋابكارلىق مەجبۇرىي سۇغۇرتىسىدىن قالسىلا چوقۇم بېجىرىشكە تېگىشلىك سۇغۇرتا. ئۆزىمىزنىڭ ماشىنىسى ۋە ئادەم بىرىنچى شەخسكە كىرىدۇ، سۇغۇرتا شىركىتى ئىككىنچى شەخسكە كىرىدۇ، بىرىنچى شەخس ۋە ئىككىنچى شەخستىن باشقىلار ئۈچىنچى شەخسكە كىرىدۇ. بۇ يەردىكى ئۈچىنچى شەخس مانا مۇشۇنداق كەلگەن. شۇڭلاشقا ئۈچىنچى شەخس مەسئۇلىيەت سۇغۇرتىسىمۇ باشقىلارغا تۆلەپ بېرىلىدىغان سۇغۇرتا بولۇپ، باشقا ئادەملەرنى ياكى باشقا مال مۈلۈكلەرنى سوقۇۋېتىپ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتقاندا، بۇ سۇغۇرتا ئارقىلىق تۆلەپ بەرسە بولىدۇ. ئەگەر ئۆزىڭىزنىڭ ماشىنىسى سوقۇلۇپ كەتسە ۋە ئېغىر زىيانغا ئۇچرىسا، تاشلىۋەتسىڭىز بولىدۇ. بىراق باشقىلارنىڭ ماشىنىسىنى سوقۇپ قويسىڭىز ياكى باشقىلارنى سوقۇپ يارىلاندۇرۇپ قويسىڭىز، چوقۇم ئاخىرغىچە تۆلەپ بېرىشىڭىز كېرەك. ئۈچىنچى شەخس مەسئۇلىيەت سۇغۇرتىسى سىزنىڭ زىيىنىمىزغا چەك بەلگىلەپ بېرەلەيدۇ، يەنى زىيىنىڭىزنى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىگە چۈشۈرەلەيدۇ. تۆلەم تۆلەش ئۈچۈن قاقسەنەم بولۇپ كەتمەيسىز.

    ئۈچىنچى شەخس مەسئۇلىيەت سۇغۇرتىسىنىڭ ئەڭ تۆۋەن تۆلەپ بېرىش چېكى 50 مىڭ يۈەندىن باشلىنىدۇ، ئەڭ يۇقىرى چېكى 10 مىليون يۈەنگە يېتىدۇ. ئوخشىمىغان رايونلارنىڭ سېتىلىش باھاسىمۇ ئوخشىمايدۇ. ئادەتتىكى ئەھۋال ئاستىدا 500 مىڭ يۈەنلىك تۆلەم سوممىسىغا ئىگە سۇغۇرتىنىڭ باھاسى 1000 يۈەن ئەتراپىدا، 1 مىليون يۈەنلىك تۆلەم سوممىسىغا ئىگە سۇغۇرتىنىڭ سېتىلىش باھاسى 2000 يۈەن ئەتراپىدا. ئۈچىنچى شەخس مەسئۇلىيەت سۇغۇرتىسى بېجىرگەندە ئەڭ ياخشىسى 500 مىڭ يۈەنلىك تۆلەم سوممىسىغا ئىگە سۇغۇرتىنى ئېلىشنى تەۋسىيە قىلىمىز، ئەگەر تەرەققىيات سەۋىيەسى تۆۋەن رايونلاردا ۋە دەرىجىدىن تاشقىرى ھەشەمەتلىك ماشىنىلار ئاز ئۇچرايدىغان رايونلاردا 500 مىڭ يۈەنلىك تۆلەم سوممىسىغا ئىگە سۇغۇرتىنى ئالسىڭىز يېتىپ ئاشىدۇ. شەرقىي قىسىمدىكى تەرەققىي قىلغان رايونلاردا 1 مىليون يۈەنلىك تۆلەم سوممىسىغا ئىگە سۇغۇرتىنى ئېلىشنى تەۋسىيە قىلىمىز.
    رەسىمنى چېكىش ئارقىلىق چوڭ رەسىمنى كۆرۈش

نامى :     640?wx_fmt=jpeg&wxfrom=5&wx_lazy=1.jpg
كۆرۈش قېتىم سانى : 1
ھۆججەتنىڭ چوڭلۇقى:73.4 KB
ID :   163218

    3. ئاپتوموبىل زىيىنى سۇغۇرتىسى

    يۇقىرىقى ئىككى سۇغۇرتىنىڭ ھەممىسى باشقىلارغا تۆلەپ بېرىدىغان سۇغۇرتا. ئاپتوموبىل زىيىنى سۇغۇرتىسى بولسا ئۆزىگە تۆلەپ بېرىلىدىغان سۇغۇرتا. بولۇپمۇ ماشىنا ھەيدەشنى يېڭى ئۆگەنگەنلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا ماشىنا سوقۇلۇپ ياكى سۈركىلىپ كېتىشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. بۇ چاغدا ماشىنىنى رېمونت قىلدۇرۇش ئورنىغا ئاپارغاندا ئاز دېگەندىمۇ نەچچە 1000 يۈەن كېتىدۇ. ئاپتوموبىل زىيىنى سۇغۇرتىسى سىزنىڭ زىيىنىڭىزنى نۆلگە چۈشۈرەلەيدۇ.

    4. ئاپتوموبىلدىكى ئادەم مەسئۇلىيەت سۇغۇرتىسى

    ئاپتوموبىلدىكى ئادەملەر مەسئۇلىيەت سۇغۇرتىسى ئاپتوموبىل زىيىنى سۇغۇرتىسى بىلەن ئوخشاشلا سىزنىڭ زىيىنىڭىزنى ئازايتىدىغان سۇغۇرتا. ئاپتوموبىل زىيىنى سۇغۇرتىسى ئاپتوموبىلنىڭ زىيىنىنى تۆلەپ بېرىدۇ، ئاپتوموبىل ئىچىدىكى ئادەملەر مەسئۇلىيەت سۇغۇرتىسى بولسا ئادەملەرنىڭ زىيىنىنى تۆلەپ بېرىدۇ. بۇنى ئۆزىڭىزنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ. شوپۇرنىڭكىنىلا سېتىۋالامسىز ياكى شوپۇر بىلەن يولۇچىلارنىڭكىنى قوشۇپ سېتىۋالامسىز، بۇ ئۆزىڭىزنىڭ ئىختىيارلىقىدا. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، ئاپتوموبىل ئىچىدىكى ئادەملەرنىڭ مەسئۇلىيەت سۇغۇرتىسى ئادەم سانىغا قاراپ ھەق ھېسابلايدۇ، شۇڭلاشقا كۈندىلىك ئاپتوموبىل ئىشلىتىش ئەھۋالىڭىزغا ئاساسەن بەلگىلىسىڭىز بولىدۇ.
    نۇر تورى تەرجىمىسى.
خىزمەت قىلىۋاتىدۇ...
X